تالىبان دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

ئافغانىستاندىكى ۋاقىتلىق تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇۋەققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى» ئەمىرخان مۇتتەقى دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى.

1718271
تالىبان دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇتتەقى قاتاردىكى ئاسپىرانتلار تەتقىقات ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى توقۇنۇش تەتقىقاتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا سۆز قىلىپ: «بىز ھېچكىمنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستانغا تاڭىدىغان نەرسىلىرى ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.

مۇتتەقى ھېچقانداق دۆلەتنى ئارىلاشتۇرماستىن مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرغانلىقلىرىنى ۋە ئافغانىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سايىسىدا تىنچلىق مۇھىتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، تالىباننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا يۈك بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتتەقى ئافغانىستاننىڭ ئەرەب ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئافغانىستان خەلقى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردە ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن (ئارىمىزغا) كۆۋرۈك سېلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇتتەقى، ئۆتكەن يىللاردا ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان قاتارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە 9-10-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە «ئىجابىي» باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر