سۈرىيە - ئىراق چېگراسى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

دەيرۇززۇر ۋىلايىتى ئەلبۇكەمال ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارغا تەۋە ئۈچ ھەربىي نۇقتا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1718129
سۈرىيە - ئىراق چېگراسى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا يېقىن ئەلبۇكەمال ناھىيەسىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىران ھىمايىسىدىكى تېررورچى تەۋە ئۈچ ھەربىي ئورۇنغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دەيرۇززۇر ۋىلايىتى ئەلبۇكەمال ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارغا تەۋە ئۈچ ھەربىي نۇقتا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن يەتتە ئايرىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھاۋا ھۇجۇمىدىن تەخمىنەن يېرىم سائەت ئىلگىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھاسەكى ۋىلايىتىنىڭ شەددادى بازىرىدىكى گاز مەيدانىغا قىلىنغان راكېتامىيوتلۇق ھۇجۇم دىققەت قوزغىدى؛ ھۇجۇمدا ئۈچ ماشىنىغا ئوت كەتتى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سېپىدىن ئورۇن  ئېلىۋاتقان ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئەلبۇكەمال ناھىيەسىدىكى بازىسىغا 14-ئىيۇن، ئۈچ ئاپتوموبىلىغا بولسا، 15 – سېنتەبىر دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقلىنالمىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان؛ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، تۆت ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر