شىمالىي كورېيە رەھبىرى: «دۈشمەن كۈچ»لەرگە قارشى دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكانى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلەپ، دۆلىتىنىڭ «دۈشمەن كۈچلىرى» گە قارشى ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1718414
شىمالىي كورېيە رەھبىرى: «دۈشمەن كۈچ»لەرگە قارشى دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن مۇداپىئە تەرەققىيات كۆرگەزمىسىدە سۆز قىلىپ، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ۋاشىنگتون ياكى سېئۇلغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن كورېيە بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى جىددىيلىكنى ھەل قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا دائىم بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە دۈشمەن ئەمەسلىكىنىڭ سىگناللىرىنى بېرىپ كەلمەكتە، ئەمما بۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت ئاساسى يوق» دېگەن.

جەنۇبىي كورېيەنى دۆلىتىگە قارىتا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچى» بىر دۆلەت دەپ تەسۋىرلىگەن كىم جوڭئۇن، سېئۇل پيوڭياڭنىڭ يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە،  پيوڭياڭنىڭ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ، ھەربىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنىڭ سېئۇلنى زەربە نىشانى قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ دۈشمىنىمىز جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئالاھىدە دۆلەت ياكى كۈچ ئەمەس، ئۇرۇشنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەمما  بىزنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز ھەرگىزمۇ چەتنىڭ مۇداخىلىلىرىدىن يوللۇق  قوغدىنىش ھوقۇقىمىزدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر