پۇتىن  مېركېل ۋە ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1718218
پۇتىن  مېركېل ۋە ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئېلىپ بارغان ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىس مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ ئاستىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پۇتىن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۈچ رەھبەر، بۇ مەسىلە توغرىسىدا 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان مىنسىك كېلىشىملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە كەلگۈسىدە نورماندىيە فورماتسىيەسى دائىرىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئۈچ رەھبەر، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا، نورماندىيە فورماتسىيەسى دائىرىسىدە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قويۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر