لاۋروۋ: تالىباننىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، 20 – ئۆكتەبىردە «موسكۋا فورماتى»دا چاقىرىلىدىغان ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا تالىباننىڭ ئىشتىراك قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1718565
لاۋروۋ: تالىباننىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋاى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا چاقىرىلغان ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرغۇچى تەدبىرلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، 20 – ئۆكتەبىردە موسكۋا فورماتىدا چاقىرىلىدىغان ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا تالىبان ۋەكىللىرىنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ «يىغىنغا تەكلىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. تالىباندىنمۇ بۇ ھەقتە جاۋاپ كۈتۈۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

لاۋروۋ، رۇسىيەنىڭ ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىدىغان ياكى ئەۋەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ موسكۋا يىغىنىدا ب د ت ھىمايسىىدە ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ، ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا موسكۋا فورماتىدا 20 – ئۆكتەبىر يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۈچ تەرەپ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر