كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بەش قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1718508
كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن بەش ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن جاممۇ كەشمىر رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىككى نۇقتىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ساقچىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىرىنچى توقۇنۇش شوپيەن رايونىدا قورشاۋغا ئېلىنغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ «تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقنى رەت قىلىشى» دىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، توقۇنۇشتا ئۈچ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جېنىدىن ئايرىلغان.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھەرىكەت جەريانىدا پارتلاتقۇچ دورا ئىشلىتىپ بىر ئۆينى پارتىلاتقان.

شوپيەن رايونىنىڭ فېرىپورا يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان باشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر