گۇتېررېس: تالىباننىڭ قىز - ئاياللار توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، تالىباننىڭ قىز - ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1718329
گۇتېررېس: تالىباننىڭ قىز - ئاياللار توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس ب د ت باش ئىشتابىدا مۇخبىرغا بايانات بېرىپ، ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان 18 مىليونغا يېقىن ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تالىباننىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىشىدىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مال – مۈلۈكىنىڭ توڭلىتىلىشى ۋە خەلققە قىلىنىدىغان ياردەمنىڭ توختاپ كېىتىشى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادنىڭ يىمىرىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، «ئىقتىسادقا قايتا نەپەس ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك» دېدى.

گۇتېررېس، بۇنى خەلقئارا قانۇن ياكى پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلماي تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەرەپلەرنى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

«مەن تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان قىز - ئاياللىرىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىقىدىن ئالاھىدە ئەنسىرەيمەن» دېگەن گۇتېررېس: «مەن تالىبانلارنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا، قىز - ئاياللارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گۇتېررېس ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ %80 ىنىڭ غەيرىي رەسمىي ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ ئىقتىسادتا يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئاياللار قاتناشماي تۇرۇپ، ئافغانىستان ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

باش كاتىپ گۇتېررېس يەنە: «ئەگەر ئافغانىستانلىقلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تېز ھەرىكەت قوللانمىساق، ئۇلارلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئافغانىستان خەلقىنىڭ تالىبان سەۋەبىدىن كوللېكتىپ جازالانسا بولمايدىغانلىقىنى ۋە ب د ت نىڭ تالىبانلاردىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن توسالغۇسىز كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، ئافغانىستان ئىقتىسادىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ب د ت ئارقىلىق قوللاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر