بوررېل: ئافغانىستاننىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يىمىرىلىش ئالدىدا

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مىنىستىرلىرى بوررېلنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئافغانىستان توغرىسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن چاقىردى.

1718211
بوررېل: ئافغانىستاننىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يىمىرىلىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ئافغانىستاننىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ «يىمىرىلىش ئالدىدا» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مىنىستىرلىرى بوررېلنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئافغانىستان توغرىسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن چاقىردى.

بوررېل يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئافغانىستاندىكى ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. نورۋېگىيە مۇساپىرلار كېڭىشىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، كەم دېگەندە 1 مىليون بالا مۇۋاپىق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، بۇ يىل قىشتا سوغۇق ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرالمايمىز. ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز، ھەمدە تېز ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

مىنىستىرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان ياردەمنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان بوررېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ، كېڭەش ماقۇللىغان بەش ئۆلچەمنىڭ ئەمدى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار يەنىلا كۈچكە ئىگە ۋە تەرتىپلىك تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى ۋەكىلى بوررېل، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تالىباننىڭ ھەرىكەتلىرىگە « باشقا دۆلەتلەرگە تېررور ئېكسپورت قىلماسلىق، ئاياللار ۋە كىشىلىك ھوقۇققا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، چىقىپ كېتىشنى خالايدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋە خەۋپ ئاستىدىكى ئافغانلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىش كېتىشىگە رۇخسەت قىلىش، ئافغانىستاندىكى سىياسىي كۈچلەر ئارا سىغدۇرۇشچان ۋە ۋەكىللىك كۈچى يۇقىرى بىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش» قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئۆلچەمگە ئاساسەن باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر