ئىراق باش مىنىستىرى: باغدادىنىڭ ياردەمچىسىنى قولغا چۈشۈردۇق

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن رەھبىرى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ ياردەمچىسى سامى جاسىمنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

1717809
ئىراق باش مىنىستىرى: باغدادىنىڭ ياردەمچىسىنى قولغا چۈشۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازىمى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراق دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، باغدادىنىڭ ياردەمچىسى سامى جاسىمنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ   تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

قولغا چۈشۈرۈلگەن سامى جاسىم ئىسىملىك كىشىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى مەسئۇلى ئىكەنلىكى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كاتتىبېشى باغدادىنىڭ ياردەمچىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبىرى باغدادى، 2019 – يىلى ئامېرىكا كۈچلىرى تەرىپىدىن سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سامى جاسىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبەرلىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان جايلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر