ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى دوھادا كۆرۈشتى

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ 9-10-ئۆكتەبىردە قاتار پايتەختى دوھادا تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1717633
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى دوھادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ قاتار پايتەختى دوھادا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە كۆرۈشۈشنىڭ سەمىمىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ كۆرۈشۈش، تالىبان ئافغانىستاندا كونتروللۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن تالىباننىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلاندى. كۆرۈشۈشكە، ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

كۆرۈشۈشلەردە، ئافغانىستاندىن كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكالىقلار ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتتە ئاياللارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان خەلقىگە بىۋاستە ياردەم قىلىش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

كۆرۈشۈشلەردە يەنە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تالىباننىڭ ۋەدىلىرىدىن بەكىرەك، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قاراپ ئىش قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ «تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى» ئەمىرخان مۇتتەقى ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە «يېڭى سەھىپە ئېچىش» مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2021-يىلى 15-ئاۋغۇست تالىبان ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنى قورشاۋغا ئالغان بولۇپ، ھاكىمىيەتنى تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى شۇ كۈنى كەچتە قېچىپ كەتكەن ئىدى.

2021-يىلى 30-ئاۋغۇست ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى كېننېت مىككېنىزىنىڭ (Kenneth McKenzie) ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنش مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئاخىرلاشقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر