ئافرىندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1717962
ئافرىندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، سۈرىيەنىڭ  ئافرىن رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ يۈزىسىدىن بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل پارتلىتىلغان، ھۇجۇمدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 كىشى يارىلانغان، يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ، ئىلگىرىمۇ تەل رىفئەت رايونىنى بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئافرىن ۋە ئەتراپىغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر