تالىبان: ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىز ياخشى ئۆتتى

تالىبان ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن 9-10-ئۆكتەبىردە قاتار پايتەختى دوھادا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1717772
تالىبان: ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىز ياخشى ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشلارنىڭ سەمىمىي شەكىلدە ئۆتكەنلىكىنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى ۋە ئېھتىياج ھېس قىلىنغان ئەھۋالدا ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا تەرەپلەرنىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئۇچرىشىشلاردا سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە تالىباننىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2020-يىلى فېۋرالدا تەرەپلەر ئارىسىدا ئىمزالانغان دوھا كېلىشىمىنى كەمكۈتسىز ئىجرا قىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ: #تالىبان , #دوھا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر