ئاۋسترىيەدە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

ئاۋسترىيەدە «پارىخورلۇق، چىرىكلىك ۋە ئەمەلىنى قالايمىقان ئىشلىتىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقان باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

1717259
ئاۋسترىيەدە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئوڭچىل ئاۋسترىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سېباستىيان كۇرز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى بولغان يېشىللاەر پارتىيەسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىغانلىقىنى، ئەمما يۇقۇم، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە يېڭى قارارلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ مۇقىملىققا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.

كۇرز يېشىللار پارتىيەسىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە مەۋجۇت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر شاللېنبېرگنى باش مىنىستىرلىككە تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاللېنبېرگنىڭ مۇھىم سىياسىيون ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان كۇرز، ئۆزىنىڭ بولسا، پارتىيە رەھبىرى ۋە پارتىيە پارلامېنت باشلىقى سۈپىتىدە پارلامېنتتىكى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋېرنېر كوگلېر تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، كۇرز بىلەن يولنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، باش مىنىستىرلىققا يېڭى بىر كىشىنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر