ئانگېلا مېركېل ئىسرائىلىيەدە ۋىدالىشىش زىيارىتىدە بولماقتا

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشاش ئالدىدا تۇرغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋىدالىشىش زىيارىتى دائىرىسىدە  ئىسرائىلىيەگە يېتىپ باردى.

1717309
ئانگېلا مېركېل ئىسرائىلىيەدە ۋىدالىشىش زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېل ئاۋىۋغا يېقىن بېن گۇرىيون ئايرودرومىدا ئانگېلا مېركېلنى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى قارشى ئالدى.

مېركېل زىيارەت دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ، باش مىنىستىر نافتالى بېننېت ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يايىر لاپىد بىلەن كۆرۈشىدۇ.

مېركېل ئىسرائىلىيە كابىنېتى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرىپىگە باش مىنىستىر بېننېت تەرىپىدىن بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىدۇ.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى مېركېلنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە ئاساسلىق ئۆكتىچى رەھبىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى يازدى.

مېركېلنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ۋىدالىشىش زىيارىتى 28-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە پىلانلانغان بولۇپ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر