تۈركىيە كونگوغا تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى

كونگودا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەنە نۇرغۇن كىشى يوقۇلۇپ كەتكەن پاراخوت ۋەقەسىگە قارىتا تۈركىيە كونگوغا تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى.

1717274
تۈركىيە كونگوغا تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇمبا رايونىدىكى كونگو دەرياسىدا يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە غايىب بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

باياناتتا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە كونگو ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر