نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 20 كىشى قازا قىلىپ، 35 كىشى يارىلاندى

نىگېرىيەنىڭ سوكوتو ئۆلكىسىدىكى بىر بازارغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1717312
نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 20 كىشى قازا قىلىپ، 35 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان قوراللىق ئۇنسۇرلار سوكوتو ئۆلكىسىگە قاراشلىق سابون بىرنى رايونىدىكى بىر بازارنى قالايمىغان ئوققا تۇتقان.

ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 35 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر