گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئىرقچىلىققا ۋە فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشقا نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار قاتناشتى.

1717319
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئىرقچىلىققا ۋە فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى، سولچىل گۇرۇپپىلار ۋە كۆچمەنلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا، رادىكال ئوڭچىلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە ۋە گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشتا، يېقىندا كۈن تەرتىپكە كەلگەن «ئالتۇن تاڭ  پاتىيەسى» گە ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان ئوڭچى ۋە ئىرقچى گۇرۇپپىلارغا قارشى شوئارلار توۋلاندى.

ئومونيا مەيدانىغا قۇرۇلغان مۇنبەردە كونسېرت بېرىش بىلەن باشلانغان نامايىش، پارلامېنت بىناسىغا يۈرۈش قىلىش بىلەن داۋاملاشتى.

يۈرۈش سەۋەبىدىن يولنىڭ قاتناشتىن توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان ساقچىلار نامايىشچىلارغا مۇچ گازى پۈركۈپ مۇداخىلە قىلدى.

گىرېتسىيە ئەدلىيە ئورگىنى ئۆتكەن يىلى ئاشقۇن ئوڭچى ئالتۇن تاڭ پارتىيەسىنىڭ جىنايى تەشكىلات ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

سالانىكتا فاشىزىمغا قارشى نامايىش قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 29 -  سىنتەبىردە نىقابلىق بىر گۇرۇپپا ھۇجۇم قىلغان ۋە ۋەقەدە ئىككى ئوقۇغۇچى يېنىك يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر