ب د ت «پاكىز مۇھىتنىڭ ئىنسان ھوقۇقى» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى لايىھەنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «پاكىز مۇھىتنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ئىكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن لايىھەسى كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

1717067
ب د ت «پاكىز مۇھىتنىڭ ئىنسان ھوقۇقى» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى لايىھەنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، 43 ئەزا دۆلەت كوستارىكا، مولداۋىيە، ماراكەش، سلوۋېنىيە ۋە شىۋېيتسارىيە تاپشۇرغان قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە ياپونىيە بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى.

47 ئەزادىن تەركىب تاپقان كېڭەش كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇلللىغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە «پاكىز، ساغلام ۋە سىجىل مۇھىتنىڭ ئىنسان ھوقۇقى» ئىكەنلىكى قارار قىلىندى.

يىغىندىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باچېلېت كېڭەشنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قارار چىقارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ قارار ئىنسانلارنى، يەرشارىمىزنى، بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋانى، ئىچىدىغان سۇنى ۋە بىز يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى قوغداشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مەزكۇر قارارنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىپ: «مۇھىت ئاسراش ھەرىكەتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى خاتا پەرقلەندۈرۈشتىن ھالقىپ كېتىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئېنىقكى، ھەر ئىككى نىشانغا بىر – بىرىدىن مۇستەقىل ھالدا يەتكىلى بولمايدىغانلىقى ناھايىتى روشەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر