ئامېرىكانىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتى ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونىدا نامەلۇم بىر جىسىمغا سوقۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «USS Connecticut» ناملىق بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونىدا دېڭىز ئاستىغا چۆكۈش جەريانىدا نامەلۇم بىر جىسىمغا سوقۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1716581
ئامېرىكانىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتى ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونىدا نامەلۇم بىر جىسىمغا سوقۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ، «USS Connecticut» ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 2 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سۇ ئاستىغا چۆكۈش ئەسناسىدا نامەلۇم بىر جىسىمغا سوقۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سوقۇلۇش ئەسناسىدا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، دېڭىز بۆرىسى تىپلىق تېز ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۇ ئاستى پاراخوتىدىمۇ ئېغىر زىيان يوقلۇقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «سۇ ئاستى پاراخوتى (نۆۋەتتە) بىخەتەر ۋە مۇقىم ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ يادرو ئىتتىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە ساھەلىرى تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئۇ تولۇق مەشغۇلات قىلالايدىغان ئەھۋالدا. سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ بۇزۇلۇش دەرىجىسى باھالىنىۋاتىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر