ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن جامە ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ سەيىد ئاباد رايونىدىكى شىئە مەسچىتىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ھۇجۇمنىڭ جۈمە نامىزى ئەسناسىدا سادىر قىلىنغانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، تالىبان كۈچلىرىنىڭ رايونغا يېتىپ بېرىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دوختۇرخانا مەسئۇللىرى، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىكى شىئەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.