ئەنگلىيە تولۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن يولۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

ئەنگلىيە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەتتىن كىرگەن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تولۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن يولۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1716661
ئەنگلىيە تولۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن يولۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە قاتناش مىنىستىرلىقى، ئەنگلىيەگە بارىدىغان يولۇچىلار ھەققىدە يېڭى قارارلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارارلارغا ئاساسەن، تۈركىيە «قىزىل تىزىملىك» تىن چىقىرىۋېتىلدى.

تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەتتىن كىرگەن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى (ئوكسفورد / ئاسترا زېنېكا، پفىزېر- بىئونتېك،  مودېرنا ۋە جانسېن قاتارلىق) تولۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن يولۇچىلار، ئەنگلىيەگە كىرەلەيدۇ.

ئەنگلىيە ئۆزى تەستىقلىغان ۋاكسىنىلارنى تۈركىيەدە ئەملەتكۈزگەنلەرنىمۇ ئۇدا 10 كۈن ئۆي كارانتىناسىدىن كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلدى.

يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 47 نۇقتىدىن ئەنگلىيەگە قىلىنىدىغان ساياھەتلەر «قىزىل تىزىملىك» تىن چىقىرىۋېتىلدى.

يېڭى بەلگىلىمە، 11-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر