تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقسادا «جىمجىت» دۇئا قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1716646
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ ناتوغرا قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقسادا <جىمجىت> ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. مەزكۇر قارارنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ كونا ھالىتىنى ئۇپرىتىشنى پىلانلاۋاتقانلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارەت بېغىشلىشى ۋە يېڭى جىددىيچىلىكلەرنى پەيدا قىلىشى نەزەرگە ئېلىنىشى زۆرۈر بولغان ئەندىشە قىلارلىق ئېھتىماللىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خاتا، قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك قارارغا، ھەمدە مەسجىدى ئەقساغا قارىتىلغان بارلىق ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر