گىرۇزىيەدە يەتتە قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

گىرۇزىيەنىڭ باتوم شەھىرىدە يەتتە قەۋەتلىك بىر بىنا نامەلۇم سەۋەبتىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

1716925
گىرۇزىيەدە يەتتە قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيەنىڭ ئاجارا رايونىنىڭ باتۇمى شەھىرى 26 – ماي كوچىسىدىكى يەتتە قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئەتراپتىكى بەزى ماشىنىلار خارابىلىك ئاستىدا قالدى.

نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى. بالىلار دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر