ب د ت: تۈركىيەنىڭ پارىژ كېلىشىمىنى ماقۇللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ماقۇللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1716582
ب د ت: تۈركىيەنىڭ پارىژ كېلىشىمىنى ماقۇللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ماقۇللىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ماقۇللاپ، باشقا 20 – گ گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، تۈركىيەدىن، 2053-يىلغىچە «نۆل قويۇپ بېرىش» ۋەدىسى دائىرىسىدە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك كىلىمات ھەرىكەت پىلانىنى سۇنۇشىنى كۈتۈۋاتىمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، كېلىشىمگە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 2 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن، 2050-يىلغىچە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر