پاكىستاندا يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 5.9 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 20 ئادەم قازا قىلدى.

1716020
پاكىستاندا يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ ھارناي رايونى ئەتراپىدا، ھەمدە كېتتا، سىببى، پىشىن ۋە چامان رايونلىرىدا، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 03.20 دە، 15 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.9 بال يەر تەۋرىگەن.

پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، 6 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئادەم قازا قىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، كۆپ ساندا ئۆي - ماكان زىيانغا ئۇچرىغان، بەزى رايونلاردا يەر كۆچۈش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن رايونلاردا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر