ستېينمېيېر: تۈرك ئىشچىلىرى گېرمانىيەنى بېيتتى

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر تۈرك ئىشچىلىرىنىڭ گېرمانىيەنى بېيتقانلىقىنى ئېيتتى.

1715494
ستېينمېيېر: تۈرك ئىشچىلىرى گېرمانىيەنى بېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستېينمېيېر گېرمانىيەدىكى تۈرك جەمئىيىتىنىڭ گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك كۈچى كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيىتىگە ئايالى بىلەن بىرلىكتە قاتناشتى ۋە پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلىپ، تۈرك ئىشچىلارنىڭ دۆلەتنى بېيتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، قىزغىنلىقى ۋە ئادىمىيلىكى دۆلىتىمىزنى ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن» دېدى.

مېھمان ئىشچىلارنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان ستېينمېيېر: «بىز ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى دۆلىتىمىز تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە بايان قىلغىنىمىزدا ھەممىمىزنىڭ تارىخىنى چۈشىنەلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركلەرنى گېرمانىيە جەمئىيىتىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈرۈشكە چاقىرىپ: «سىلەرگە ئاجرىتىلغان ئورۇننى ئېلىڭلار، ئۇ دەل ئوتتۇرىدىكى ئورۇندۇر، ئۇ يەرنى تولدۇرۇڭلار. بۇ جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتنىشىڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جەمئىيىتىڭلار» دېدى.

ستېينمېيېر پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا مۈسلۈم گۈرسەسنىڭ «سەۋدا يۈكلۈك كارۋانلار» ناملىق ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر