CIA نىڭ چەت ئەللەردىكى ئونلارچە «جاسۇسى»نىڭ پاش بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى —CIA نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماقلىرىغا ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1715394
CIA نىڭ چەت ئەللەردىكى ئونلارچە «جاسۇسى»نىڭ پاش بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى —CIA نىڭ رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق چەت دۆلەتلەردىكى نەچچە ئون ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىسى (جاسۇسى)نىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا چۈشۈپ قالغانلىقى، ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

«ئامېرىكا نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە CIA نىڭ چەت ئەللەردىكى تارماقلىرىغا يوللىغان بىر پارچە ئۇچۇرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئېلان قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇردا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن، قولغا چۈشۈپ قالغان ۋەياكى يۇقىرى ئېھتىماللىققا ئاساسلانغاندا، ئىككى بىسلىق ئىشقا سېلىنغان ئونلارچە چەت ئەللىك ئۇچۇرچىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇچۇردا رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە پاكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ  CIA ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنى ئوۋلىغانلىقى ۋە بەزىلىرىنى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەشكە قىستىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىپ، چەت ئەل ئاخبارات ئورگانلىرىغا سەل قارىغانلىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالدىرىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

كۆپ ساندىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ قولغا چۈشۈپ قېلىشىدا چەت ئەل دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بىيومېترىك ئۆلچىگۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ئىشلىتىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئۇچۇرنىڭ، رايوندىكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر