ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1714131
ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوررېل تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان بىلەن سىياسەت، ئىجتىمائىي ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە باشقا مەسىلىلەردە مۇناسىۋەتلەرنى دائىملىق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۈش ئۈچۈن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوررېل سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان تۇنجى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىمۇ باشلىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەپتە «ھەمكارلىقتىكى ئىجابىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر» نىڭ نامايان بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بوررېل پارىس قولتۇقى رايونىغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى دائىرىسىدە، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر