كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 كە ئۆرلىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئېيدگاھ جامەسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 كە يەتتى.

1714101
كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 كە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى ۋە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى زابىھۇللا مۇجاھىد كابۇلنىڭ چەمەن ھۇزۇرى رايونىغا جايلاشقان ئېيدگاھ جامەسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەگەنلىكىنى ئېيتتى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد ھوستى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ بەشكە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شاھىتلار قازا قىلغانلار سانىنىڭ 8 ئىكەنلىكىنى ۋە 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شاھىتلار يەنە، بۇ جامىدە زابىھۇللا مۇجاھىدنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەتمە پائالىتى كۈنىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر