ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى تېررورلۇق ھەرىكىتىدۇر

ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاپ، نارازىلىق بىلدۈردى.

1712579
ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى تېررورلۇق ھەرىكىتىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يائىر لاپىد، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىگە قاراشلىق مەساپېر ياتتا رايونى ئەتراپىدا پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ زوراۋانلىق ۋەقەسى قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھەرىكىتىدۇر، بۇ ھەرگىزمۇ نە ئىسرائىلىيە نە يەھۇدىيلارنىڭ تۇتقان يولى ئەمەستۇر، ئەكسىچە بۇ زوراۋانلىقتۇر ۋە خەتەرلىك شەكىلدىكى چېكىدىن ئېشىشتۇر.»

يەھۇدىي كۆچمەنلەر، تۈنۈگۈن مېساپېر ياتتا رايونىدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەلەردە بىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 12 كىشى يارىلانغانىدى.

رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئۆچكىلىرىنىمۇ پىچاقلىغان زوراۋانلار، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىنى  چالما-كېسەك قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر