ئىران «سامسۇڭ» ۋە «LG» شىركەتلىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ «سامسۇڭ» ۋە «LG» شىركەتلىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى.

1712670
ئىران «سامسۇڭ» ۋە «LG» شىركەتلىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنېي پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئىمپورتنىڭ «يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ھالسىرىتىپ قويغانلىقى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك»لىكى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.

پىرېزىدېنت رەئىسى، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارغا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىككى شىركىتىدىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈردى.

ئىران پىرېزىدېنتى 10 – سېنتەبىردىكى باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جازا يۈرگۈزۈشنى باشلىغان 2018 –يىلى ئىرانغا سالغان مەبلىغىنى چېكىندۈرگەن، ھەمدە ئىرانغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان جەنۇبىي كورېيە شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئەمدى ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكلىرىنى، ئىراننىڭ مەزكۇر دۆلەتتىن «كونترولسىز مەھسۇلات ئىمپورت»  قىلىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى — سامسۇڭ ۋە LG، ئۇزۇن يىللار بويىچە ئىراننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە يانفون بازىرىغا ھۆكۈمران بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر