مادرىد يۇقۇم چەكلىمىلىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى قارار قىلدى

ئىسپانىيەدىكى 17 ئاپتونوم ھۆكۈمەتنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى جايلاشقان مادرىد، ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان كوۋېد-19 چەكلىمىلىرىنى 4 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.

1712679
مادرىد يۇقۇم چەكلىمىلىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادرىد ئاپتونوم ھۆكۈمىتى باشلىقى ئىسابېل دىئاز ئايۇسو: «دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يېپىق ۋە ئوچۇق ماكانلارنىڭ سىغىمچانلىقىغا قارىتا بەلگىلەنگەن بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىمىز. يۇقۇمدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ياشاشنى ۋە سالامەتلىكنى ئىقتىساد بىلەن بىرلەشتۈرگەن بىر جەمئىيەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

مادرىدتا كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇنلاردا ئىبادەتخانىلار، توي-تۆكۈن، دەپنە مۇراسىمى، مېھمانساراي، سودا ئورۇنلىرى، كۈتۈپخانىلار، مۇزېي، كىنوخانا، تىياتىرخانا ۋە كونسېرت زاللىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئوچۇق ۋە يېپىق جايلاردىكى چەكلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ.

مادرىدقا ئەگىشىپ ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى باشقا ئاپتونوم ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ چەكلىمىلەرنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، مادرىدتا كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى تاماملىغان 18 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ رايون نوپۇسى بىلەن بولغان نىسبىتى %90 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر