سۇداندا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى 5 ساقچىنى ئۆلتۈردى
سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمنىڭ جەنۇبىدا تېررولرۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 5 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە دائېشقا تەۋە 11 چەتئەللىك تېررورچىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
1712361
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان باش رازۋېدكا ئورگىنىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دائېش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق جايلارغا بېسىپ كىرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 5 ساقچى قازا قىلىپ، 1 ساقچى يارىلانغان. ھەرىكەتتە دائېشقا ئەزا ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن 11 تېرورچى نازارەتكە ئېلىنغان.
قېچىپ كەتكەن 4 تېررورچىنى تۇتۇش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.
توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچىلارغا ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان بىلەن باش مىنىستىر ئابدۇللا ھەمدۇك تەزىيەنامە ئېلان قىلغان.