تالىبان ب د ت غا مەكتۇپ يوللاپ، ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
ئۆتكەن ئاي ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان تالىبان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)غا مەكتۇپ يوللاپ، نيۇيوركتا داۋاملىشىۋاتقان 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دا ئافغانىستانغا كىمنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى مەسىلىسى دەتالاش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تالىبان ب د ت باش كاتىپلىق ئىشخانىسىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئافغانىستانغا كونا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى ئىمزالىق مەكتۇپتا، 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش تەلەپ قىلىندى ۋە تالىبان باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىننى ئافغانىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.
دۆلەتلەر، ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نامزاتلىرىنىڭ ئىسملىرىنى تەشكىلاتقا ئەۋەتكەندىن كېيىن، نامزاتلار ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.
نۆۋەتتە 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىدا ئافغانىستانغا كونا ھۆكۈمەتنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى غۇلام ئىسھاقزاي ۋەكىللىك قىلماقتا.