قاتار تاشقى ئىشلار ئابدۇرراھمان ئالسانى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى

تالىبان ئافغانىستاندا ۋاقتلىق ھۆكۈمەتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك چەت ئەل ئەمەلدارىنىڭ بۇ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى ئەمەلگە ئاشتى.

1705808
قاتار تاشقى ئىشلار ئابدۇرراھمان ئالسانى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇرراھمان ئالسانى ئافغانىستاندا تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەت ئەل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ قالدى.

ئالسانى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى موللا مۇھەممەد ھەسەناخۇن ۋە يېڭى كابېنتنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە، تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئورنىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلەر تۇرماقتا.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جيان تالىباننىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «فىرانسىيە بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى رەت قىلىدۇ» دېدى.

كابۇلدىكى ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، سېنتەبىر ئېيى (2021) دىن بۇيان تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ تېخنىكىلىق ياردىمى ئاستىدا ئىچكى لىنيەلەردە ئايروپىلان سەپەرلىرى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلان سەپەرلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاشماقتا. چەت ئەلگە قىلىنىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى بولسا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈچۈنلا چەكلىنىپ قالغان ۋەزىيەتتە.

تالىبان خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر