ياپونىيە پۇتىننىڭ تاقىم ئاراللىرى پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ «كۇرىل تاقىم ئارىلىدا تاموژنىسىز رايون قۇرۇش ۋە مەبلەغ سالغۇچى چەت ئەل شىركەتلىرىنى 10 يىل بويىچە باجتىن كەچۈرۈم قىلىش» پىلانىغا قارشى چىقتى.

1704543
ياپونىيە پۇتىننىڭ تاقىم ئاراللىرى پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى باش كاتىپى كاتو كاتسونوبۇ، پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۇرىل تاقىم ئاراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

كاتو، كۇرىل تاقىم ئارىلىدا تاموژنىسىز رايون قۇرۇش پىلانىنىڭ، ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ ئاراللاردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىكى كېلىشىملىرىگە خىلاپ  ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، بۇ پىلاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاراللارغا تۇتۇۋاتقان مەيدانىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلىرىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كاتو، ياپونىيەنىڭ قانۇنىي ئورنىغا زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ئاراللاردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ موسكۋا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن، رۇسىيەدە «جەنۇبىي كورىل»، ياپونىيەدە «كۇرىل رايونلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېررىتورىيە ماجىراسىغا سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىكى تاموژنىسىز سودا رايونىغا مەبلەغ سالىدىغان ياپون ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىدىن 10 يىل بويىچە باجنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكياننى ئوخوتسك دېڭىزىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى.

قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن ياپونىيە «شىمالىي رايونلار» دەپ ئاتايدىغان زېمىن تورىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش سۆھبەتلىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر