مۇستافا شەنتوپ شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تالات جافەرىغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1704451
مۇستافا شەنتوپ شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنتى باشلىقى تالات جافەرىغا تەبرىك خېتى يوللىدى.

مۇستافا شەنتوپ يوللىغان تەبرىك خېتىدە دوست ۋە قېرىنداش شىمالىي ماكېدونىيە خەلقى ۋە پارلامېنتى باشلىقى تالات جافەرىنى تەبرىكلىەپ مۇنداق دېدى:

«مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تۈركىيە بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، قېرىنداشلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى تارىخىي باغلىنىشىدىن كېلىپ چىققان، شۇنداقلا پارلامېنتلىرىمىزنىڭ قويۇق ھەمكارلىقى ھەر ساھەدە خەلقىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ماس ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ. رايوننىڭ مۇقىملىقىغا داۋاملىق تۆھپە قوشىدۇ. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوست ۋە قېرىنداش شىمالىي ماكېدونىيە خەلقىگە سالامەتلىك، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى تىلەيمەن، سىزگە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنتىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرىغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە خۇشاللىق تېلەكلىرىمنى يوللايمەن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر