مېكسىكانىڭ گېررېرو ئۆلكىسىدە 7 بال يەر تەۋرىدى

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە بىر كىشى قازا قىلغان.

1704403
مېكسىكانىڭ گېررېرو ئۆلكىسىدە 7 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى، يەر تەۋرەشنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى گېررېرو ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاكاپۇلكو شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەشنىڭ ھەجىمىنى دەسلەپتە 7.4 بال دەپ ئېلان قىلىپ، كېيىن  7 بالغا ئۆزگەرتتى.

مىچوكان، جالىسكو ۋە پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنىڭمۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

يەر تەۋرەشتە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر