بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىب مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۆت پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى پۇقرا يارىلاندى.

1704316
بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىب مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سەراكىب ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلاردىن تەشكىللەنگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى، شەھەر مەركىزىگە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

سۈرىيە پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇمدا بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، ئىككى پۇقرا يارىلانغان.

يارىدارلارنىڭ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر