ئامېرىكا بىر ئائىلە ئامېرىكالىقنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىپ چىقىشىغا ياردەم قىلدى

ئامېرىكا 30-ئاۋغۇست ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئائىلىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بەردى.

1703686
ئامېرىكا بىر ئائىلە ئامېرىكالىقنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىپ چىقىشىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بىر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن ئافغانىستاندىن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق بىر قوشنا دۆلەتكە قېچىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

مەزكۇر كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر چېگرادا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكالىق ئەمەلدار، بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، قېچىش يولى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر