تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلدى

تالىبان تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-سېنتەبىر) ئافغانىستاننى پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن (7-سېنتەبىر) موللا مۇھەممەد ھەسەن باشچىلىقىدا «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1704175
تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد پايتەخت كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» تىن ئورۇن ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ «باش مىنىستىر ۋەكىلى» ۋەزىپىسىگە موللا مۇھەممەد ھەسەننىڭ كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەكىلى ۋەزىپىسىگە موللا ئادۇغېنى بىرادەر بىلەن ئابدۇسالام ھانەفىنىڭ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۆۋەندىكى كىشىلەر تالىبان ھۆكۈمىتى ئىچىدىن ئورۇن ئالدى:

سىراجەددىن ھاكانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى

ئەمىرخان مۇتتاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى مۇھەممەد ياقۇپ مۇجاھىد

تالىبان تۈنۈگۈن پەنجشىر ۋىلايىتىدە مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەت مەسۇد كۈچلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، رايوندا كونتروللۇقنىڭ پۈتۈنلەي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر