كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فېلىكس تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فېلىكس تشېكېدى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىن تۈركىيەگە قىلىنىدىغان تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنت دەرىجىلىك مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت فېلىكس ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقىدىكەن ۋە ھەمكارلىقنى ياخشىلاش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى فېلىكسنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا يەنە، ئافرىقا ۋەزىيىتى ۋە 3-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەمدە نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.