كانادا باش مىنىستىرى خەلقنىڭ چالما-كېسەك ئېتىپ نارازىلىق بىلدۈرىشىگە دۇچ كەلدى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو 20-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان فېدېراتسىيە سايلىمى سەپەرۋەرلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئونتارىيونىڭ لوندون شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا، خەلقنىڭ چالما-كېسەك ئېتىپ نارازىلىق بىلدۈرىشىگە دۇچ كەلدى.

1703789
كانادا باش مىنىستىرى خەلقنىڭ چالما-كېسەك ئېتىپ نارازىلىق بىلدۈرىشىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ رەسمىي تاراتقۇسى «CBC»  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوندون شەھىرىدىكى سايلام پائالىيىتىدىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو سايلام ئاپتوبۇسىغا چىقىۋاتقان ئەسنادا ئۇنىڭغا چالما-كېسەك ئېتىلغان.

جاستىن ترۇدو سايلام سەپەرۋەرلىكى ئۈچۈن بارغان ھەممىلاجايدا دېگۈدەك نارازىلىق  نامايىشلىرىغا ئۇچراپ، لىبېرال پارتىيەسىنىڭ سايلام ئاپتوبۇسىنى قورشىۋالغان غەزەپلىك نامايىشچىلارنىڭ ئاغزاكى تالاش تارتىشلىرىغا دۇچار بولماقتا.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جاستىن ترۇدو نامايىشچىلارغا جاۋاب بەرمەكچى بولۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا تاش ئېتىلغان.

باش مىنىستىرنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى دەرھال توساقلارنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن جاستىن ترۇدو رايوندىن ئايرىلغان ۋە سايلام ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا بۇ ۋەقەنىڭ راسلىقىنى ئېيتقان ھەمدە  ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ جاستىن ترۇدو ئونتارىيو ئۆلكىسىگە قاراشلىق بولتون شەھىرىدە كۈچلۈك نامايىشقا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن شەھەردىكى پروگراممىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر