تالىبان: بىز خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق

تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۇنيا دۆلەتلىرىدىن يېڭى دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

1703328
تالىبان: بىز خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: «خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. خىتاينىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن ئافغانىستانلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايمىز. ئافغانىستانقىڭ تەرەققىياتىدا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىقمىز. خىتاينىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاندا قۇرۇلغۇچى يېڭى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بارلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقى. ئەگەر ئافغانىستاندىن ئەندىشە قىلىدىغانلار بولسا، بۇنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كىرىزىس پەيدا قىلىدىغان يولدا ماڭماسلىقى كېرەك. بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىزگە دوستلۇق قولىنى ئۇزىتىشىنى ۋە ئەلچىخانىلىرىنى ئېچىشىنى خالايمىز. پۈتكۈل دۇنيا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ پەنجشىر ۋىلايىتىدە تالىبان كۈچلىرى كونتروللۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، رايوندا تۇرمۇشنىڭ نورماللاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پەنجشىردە ئۇرۇش رەسمىي ئاخىرلاشتى. پەنجشىر خەلقى باشقا ئافغانىستان پۇقرالىرى بىلەن تەڭ ھوقۇققا ئىگە. ھەر قانداق خاراكتېرلىك ئايرىمىچىلىق قىلىنمايدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇرۇش جەريانىدا رايوندا ھەر ھېچقانداق مال-مۈلۈككە زىيان سېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەنجشىر مەسئۇللىرىنىڭ رايون خەلقى ئارىسىدىن سايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان رايونغا يېمەكلىكنىڭ كىرمىگەنلىكىنى، ئەمما ھازىر تۇرمۇشنىڭ نورماللىشىپ، يېمەكلىك كىرىشكە باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاساسىي قانۇن ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان ئىسلامىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈلىدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز. ھازىر سايلام يوق. كېيىنكى ھۆكۈمەت ئۇ ۋاقىتتىكى مۇساپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارار قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى توغرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قاتار، تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تېخىنىكىلىق خادىملىرى كابۇل ئايرودۇرۇمىنى قايتىدىن ئېچىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا قىسىملىرى چېكىنىشتىن بۇرۇن ئايرودۇرۇمنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.  بۇ ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە بولغان ئاخىرقى دۈشمەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ ئايرودۇرۇمدا قايتىدىن خىزمەت باشلاش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا: «ئاياللار بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى. تەلەپلەرگە قۇلاق سالىمىز. تېخى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار ۋەزىپىگە تەيىنلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرچە تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىلەلمەيۋاتىدۇ. بىر ئاز سەۋر قىلايلى، ئىدارە-ئورگانلار قۇرۇلغاندا، تەلەپلەرگە جاۋابلار بېرىلىدۇ» دېدى.

تالىبان 15-ئاۋغۇست (2021) كابۇلنى ئالغاندىن كېيىن، بەزى ئاياللار ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر