سۇئات شاھىن شىۋېيېتسارىيە تۈرك جەمئىيىتى (ITT) نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

شىۋېيېتسارىيەدىكى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى ئورگىنى بولغان شىۋېيېتسارىيە تۈرك جەمئىيىتى (ITT) نىڭ رەئىسلىكىگە سۇئات شاھىن سايلاندى.

1703043
سۇئات شاھىن شىۋېيېتسارىيە تۈرك جەمئىيىتى (ITT) نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگاۋ كانتونغا قاراشلىق دوتتىنگېن رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، سۇئات شاھىن كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ ئاۋازى بىلەن شىۋېيېتسارىيە تۈرك جەمئىيىتى (ITT) نىڭ يېڭى رەئىسى بولدى.

شىۋېيېتسارىيە تۈرك جەمئىيىتى (ITT) نىڭ 6-نۆۋەتلىك رەئىسى بولغان سۇئات شاھىن، سايلامدىن كېيىنكى باياناتىدا، ئەڭ چوڭ نىشانىلىرىدىن بىرىنىڭ شىۋېيېتسارىيە تۈرك جەمئىيىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى مائارىپ پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ شىۋېيېتسارىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىدىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

سۇئات شاھىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە شىۋېيېتسارىيە تۈرك جامائىتىنىڭ بىرلىكى ۋە بەراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر