پادىشاھ ئال خەلىفە تۈركىيە - بەھرەيىن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئال خەلىفە، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ۋە ھەمكارلىق تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1702941
پادىشاھ ئال خەلىفە تۈركىيە - بەھرەيىن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەيىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، پادىشاھ ئال خەلىفەنىڭ تۈركىيەنىڭ بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەسىن چاقىلنى قوبۇل قىلغانلىقىنى؛ ئۇچرىشىشتا، ئال خەلىفە بىلەن باش ئەلچى چاقىلنىڭ ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ۋە يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۆنىلىشىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا، ئال خەلىفەنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

بەھرەيىن پادىشاھى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن باش ئالچى چاقىلغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. باش ئەلچى چاقىلمۇ بەھرەيىن پادىشاھى ئال خەلىفەگە بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر