پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتتى

پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن تونېل قېزىش ئارقىلىق قېچىپ كەتتى.

1703084
پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ رەسمىي تارقاتقۇ ئورگىنى «KAN» نىڭ تۈرمە مەسئۇللىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەچتە دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى گىلبوۋا تۈرمىسىدىن تونېل قېزىپ قېچىپ چىققان 6 پەلەستىنلىكنى ئىزدەپ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قېچىپ كەتكەنلەر فەتىھ تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان «ئەل ئەقسا شەھىدلىرى» نىڭ ئەزاسى زەكەرىيا ئەز زابىدىدىن باشقا يەنە، ئىسلام جىھاد تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ياقۇپ نۇفەيات بىلەن مۇھەممەد قاسىم ئەل ئارىدا، ياقۇپ مەھمۇد قادىرى، ئەيھەم فۇئاد كەمامجى ۋە مەھمۇد ئابدۇللا ئەل ئارىدا ئىسىملىك ​​5 كىشى ئىكەن.

قېچىپ كەتكەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۈرمىدە ئوخشاش كامىردا تۇرغانلىقى ۋە 10 مېتىرلىق تونېل قازغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

قېچىپ كەتكەن پەلەستىنلىكلەرنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ «مائارىف گېزىتى» ، رايونغا نۇرغۇن ساندا ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Walla News» تور بېكىتى  بولسا، قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار ئىكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر