ئەنگىلىيە ئاۋىياماتكىسى «ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت» تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە لەڭگەر تاشلىدى
مايدا ئەنگىلىيەدىن يولغا چىققان ئاۋىياماتكا پايتەخت توكيونىڭ جەنۇبىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسى يوكوسۇكاغا يېتىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توشۇغۇچى فىلوت گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى ستىۋ مورخوس تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا، زىيارەتنىڭ مەقسىدىنى ئەنگىلىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان ھازىرقى مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ۋەدىسى، دەپ تەسۋىرلىدى.
مورخوس: «پاراخوت ئەترىتىنىڭ بۇ يەردە بولۇشى، ئەنگىلىيەنىڭ رايوندىكى مۇھىم سودا يوللىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوللىشى ۋە بارلىق دۆلەتلەر نەپكە ئېرىشىدىغان خەلقئارا سىستېمىنىڭ نامايەندىسى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
پاراخوت ئەترىتى 9-سېنتەبىر ياپونىيەدىن ئايرىلىدۇ.
ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى «NHK» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى «ئەنگىلىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن بىخەتەرلىك شېرىكى ياپونىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ» دەپ ئىزاھلاندى.
2017-يىلى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكاسى دەپ بىلىنىدىغان «ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت» 40 ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.