ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن راكېتا ئۇچۇش ئەسناسىدا پارتلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئالفا راكېتاسى قويۇپ بېرىلىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پارتىلىدى.
1702341
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خۇسۇسىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى Firefly Aerospace تەرىپىدىن كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئالەم بوشلۇقى بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە 2 مىنۇت 30 سېكۇنت يولىنى داۋاملاشتۇرغان راكېتا، تىنچ ئوكياندا پارتلاپ كەتتى، ئارقىدىن كۆكنى ئىس – تۈتەك قاپلاپ كەتتى.