ب د ت ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كونفېرانسى چاقىرىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 13 – سېنتەبىر كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئافغانىستان ئۈچۈن مىنىستىرلار دەرىجىلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كونفېرانسى چاقىرىدۇ.

1702317
ب د ت ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كونفېرانسى چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئافغانىستاندىكى مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان مەبلەغنى تاماملاش مەقسىتىدە جەنۋەدە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،  ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن  1.3 مىليارد دوللارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ مەبلەغنىڭ پەقەت % 39 تىلا تاماملاندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندا ئىنسانىي پالاكەت يۈز بېرىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان بولۇپ، 38 مىليون كىشى ياردەمگە مۇھتاج ئىكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەر 3 ئافغانىستان پۇقراسىدىن بىرى، كېيىنكى نېنىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىغا قارىغاندا، 5 ياشتىن كىچىك ئافغان بالىلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى، ئالدىمىزدىكى 12 ئاي ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىناماسلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا، 2020 – يىلى فېۋرالدا ھاسىل قىلىنغان «تىنچلىق كېلىشىمى» دائىرىسىدە، بۇ يىل خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن باشلانغان باسقۇچتىن كېيىن، پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان تالىبانلار، 15 – ئاۋغۇست كۈنى پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 13 – ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش باسقۇچىنى تاماملىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر